ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدە ئاۋازنى تېكىستكە ۋە تېكىستنى ئاۋازغا ئايلاندۇرۇش تېخنىكىسى دۇنيادىكى ھەرقانداق تىل ۋە دۆلەت ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان تېخنىكىلار ھېسابلىنىدۇ. سۈنئىي ئەقىلنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كۆپ قىسىم تىللار ئۈچۈن بۇ تېخنىكىلار ئۆزلىشىپ بولدى. لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇيغۇر تىلى بۇ تىللارنىڭ ئىچىدە ئەمەس. بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى، يېتەرلىك بىر ئوچۇق ئۇيغۇرچە ئاۋاز سانداننىڭ بولمىغانلىقىدىدۇر. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خەلقىمىزنىڭ 1000 سائەتلىك ئۇيغۇرچە ئوچۇق ئاۋاز ساندان قۇرۇلۇشىغا ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ھازىرغىچە 200 دىن ئارتۇق نامسىز پىدائىيلارنىڭ ياردىمىدە توپلام 24 سائەتلىك ئاۋاز ساندىنى قۇرۇپ چىقتۇق. لېكىن بىر مۇكەممەل ئاۋاز بىرتەرەپ قىلىش يۇمتالى ئۈچۈن ئەڭ ئاز 1000 سائەتلىك بىر ساندان بولۇش كېرەك. بىزگە تېخىمۇ كۆپ پىدائىيلار لازىم. بىز سىزنىڭ بىزگە ئاۋازىڭىزنى ئىئانە قىلىشىڭىزنى ياكى ئىئانە قىلىنغان ئاۋازلارنىڭ توغرا – خاتالىقىنى تونۇپ بېرىشكە ياردەمدە بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. سىز ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا بىزگە ياردەم قىلالايسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن سىزدە پەقەت تورغا ئۇلانغان ئەقىللىق يانفون ياكى كومپيۇتېر بولسىلا بولىدۇ. بىز سىزدىن پەقەت 100 جۈملىنى ئوقۇشقا ۋە باشقىلار ئىئانە قىلغان 100 جۈملىنى ئاڭلاپ توغرىلاپ بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ پەقەت 30 مىنۇت ۋاقتىڭىز كېتىدۇ.

ئەگەر تۆھپە قوشۇشنى خالىسىڭىز، تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىكى «تۆھپە قوشاي» نى بېسىپ ئاۋازىڭىزنى ئۈنگە ئېلىش ۋە ياكى باشقىلارنىڭ سۆزلىگىنى بىلەن تېكىستنىڭ بىردەك ياكى ئەمەسلىكىنى دەلىللەش ئارقىلىق تۆھپە قوشۇشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ.

https://commonvoice.mozilla.org/ug

ئەسكەرتىش: بۇ سانداندا ھەر قانداق شەخسىي ئۇچۇر خاتىرىلەنمەيدۇ.

ئۇيغۇر تىلدىكى ئىلگىرىلەشلەر ۋە باشقا تىللار بىلەن سېلىشتۇرمىلار

ئۇيغۇر تىلدىكى ئىلگىرىلەشلەر ۋە باشقا تىللار بىلەن سېلىشتۇرمىلار

باشقا چۈشەندۈرۈشلەر

سالام كۆپچىلىك، ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغاندەك، ئۇيغۇر تىلى ھەر خىل خىرىسلارغا دۇچار بولۇپ ئىستېمال قىلىنىشى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ مېڭىۋاتىدۇ. بۇنى ئېتىراپ قىلغۇمىز كەلمىسىمۇ، لېكىن بۇ بىر ئاچچىق ھەقىقەت.

تىلىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ھەرقايسىمىز ئۆزىمىزنىڭ شارائىتى يار بەرگەن دائىرىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. ئۇيغۇر تىلىنى كېيىنكى يېڭى بىر ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن، پەرزەنتىمىزنىڭ ئانا تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشى ئۈچۈن ھارماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. بىراق بىز قىلىۋاتقان ئىشلار تولىمۇ يېتەرسىز.

ھازىرقىدەك رەقەملىك دۇنيادا كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئەقلىي ئۈسكۈنىلەرگە ئۇيغۇر تىلىنى تونۇتۇش پەرزەنتىمىزنىڭ تىلىنى ئۇيغۇرچە چىقىرىش بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك.

خەۋىرىڭلار بولغىنىدەك، يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىدا كۆپ يۈكسىلىشلەر بولدى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە دۇنيادىكى نوپۇسى كۆپ مىللەتلەرنىڭ ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ تىلى ئەقلىي يانفون قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردە كۆپلەپ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. بۇنىڭ تۈپكى سەۋەبى، دۇنيا دەرىجىلىك چوڭ كارخانىلارنىڭ بۇ تىللاردىكى بازارنى نىشانلاپ ھەر خىل ئەقلىي ئۈسكۈنىلەرگە بۇ تىللارنى قوشقانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ خىل تىپتىكى چوڭ كارخانىلار ئاۋاز تونۇتۇش تېخنىكىسى ئۈچۈن مۇھىم بولغان غايەت زور ھەجىمدىكى ئاۋاز ئامبىرىغا ئىگە بولغانلىقىدۇر.

ئۇنداقتا، بىز ئەقلىي ئۈسكۈنىلەرگە ئۇيغۇرچىنى تونۇتۇشتا ئىمكانسىزمۇ دېگەندە ئۇنداقمۇ ئەمەس. ئەگەر يېتەرلىك ئاۋاز ئۇچۇرى بولسا، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تامامەن مۇمكىن. بىراق بۇ خىل تىپتىكى غايەت زور ئاۋاز ئامبىرىغا دۇنيا دەرىجىلىك ۋە دۆلەت دەرىجىلىك چوڭ كارخانىلار ئىگە بولۇۋالغان بولۇپ، ئادەتتىكى يۇمشاق دېتال ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ بۇ خىل تىپتىكى ئاۋاز ئامبىرىغا ئىگە بولالماسلىقى تىلىمىزنى ھەر خىل ئۈسكۈنىلەرگە تونۇتۇشقا بولغان بىر چوڭ توسالغۇ. ئەگەر بۇ توسالغۇنى ھەل قىلالىساق، ئۆز مىللىتىمىزدىكى ۋە باشقا تىلدىكى يۇمشاق دېتال ئىجادىيەتچىلىرىنى ئۈسكۈنىلەرگە ئۇيغۇرچىنى تونۇتۇشنى يېتەرلىك ئىمكانغا ئىگە قىلغان بولىمىز. Mozilla نىڭ ئوچۇق مەنبەلىك ئاۋاز ئامبىرى ياساش قورالى بولغان Common Voice بىزنى بۇ خىل ئىمكانغا ئىگە قىلىدىغان تۈرنىڭ بىرى، دەپ ئويلاشقا تامامەن بولىدۇ.

تۆۋەندىكىسى بولسا Mozilla نىڭ Common Voice تۈرى توغرىسىدا Common Voice تۈرىنىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن چۈشەنچىسى:

Common Voice دېگەن Mozilla نىڭ كىشىلەرنىڭ قانداق سۆزلەيدىغانلىقىنى ماشىنىلارغا ئۆگىتىشنى نىشان قىلغان تۈرى. ئاۋاز دېمەك تەبىئىيلىك، ئاۋاز دېمەك ئىنسانلىق. شۇڭلاشقا بىز ماشىنىلار ئۈچۈن ئىشلىتىشچانلىققا ئىگە ئاۋاز تېخنىكىسىنى يارىتىشقا بەل باغلىدۇق. ئەمما ئاۋاز سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئىجادكارلار ئىنتايىن كۆپ ئاۋاز مەنبەسىگە ئېھتىياجلىق. كۆپ ساندىكى كىشىلەر چوڭ شىركەتلەر ئىشلىتىدىغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشەلمەيدۇ. بۇ يېڭىلىق يارىتىشنى بوغۇپ قويىدۇ. شۇڭا بىز Common Voice تۈرىنى ئېلان قىلىپ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئاۋاز تونۇتۇش تېخنىكىسىغا ئېرىشەلىشى ئۈچۈن ياردەمدە بولماقچى. ھازىر ئاۋازىڭىزنى ئىئانە قىلسىڭىز، ئوچۇق كودلۇق ئاۋاز ئامبىرى قۇرۇشقا ياردەم بەرگەن بولىسىز. ھەرقانداق ئادەم ئۇنى ئىشلىتىپ ئۈسكۈنە ۋە توردا يېڭىلىققا تولغان ئەپلەرنى ياساش ئۈچۈن ئىشلىتەلەيدۇ. بىر جۈملە ئوقۇپ ماشىنىلارنىڭ كىشىلەرنىڭ قانداق سۆزلەيدىغانلىقىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىڭ. باشقا تۆھپىكارلارنىڭ خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ سۈپەتنى ئۆستۈرۈڭ. مۇشۇنداق ئاددىي!

Common Voice توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە بولماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى تور بەتكە كىرىپ بېرىلگەن چۈشەندۈرۈشلەرنى كۆرۈپ چىقىڭ.

https://commonvoice.mozilla.org/ug

ئەگەر تۆھپە قوشۇشنى خالىسىڭىز، يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىكى «تۆھپە قوشاي» نى بېسىپ ئاۋازىڭىزنى ئۈنگە ئېلىش ۋە ياكى باشقىلارنىڭ سۆزلىگىنى بىلەن تېكىستنىڭ بىردەك ياكى ئەمەسلىكىنى دەلىللەش ئارقىلىق تۆھپە قوشۇشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ.

ئۈستىدىكى ئۇلىنىشتا كۆرگىنىمىزدەك، بىز يېقىندا Common Voice نى ئۇيغۇرچىغا يەرلىكلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا 5000 جۈملە قوشۇپ تاماملىدۇق. Common Voice تۈرىمۇ بىزنىڭ تىلىمىزنى تۈر سۈپىتىدە قوزغاتتى، قالغىنى پەقەت سىز ۋە بىزنىڭ ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئاۋازىمىزنى قوشۇش ياكى قوشۇلغان ئاۋازلارنى دەلىللەش ئارقىلىق تۆھپە قوشۇشتۇر. بۇ دېگەنلىك 5000 جۈملىنى بىر نەچچە كىشى ئوقۇپ تۈگىتىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، بۇ 5000 جۈملە بۇ تۈرگە تۆھپە قوشماقچى بولغان ھەر بىر كىشى ئوقۇشقا تېگىشلىك جۈملە. بىراق چوقۇم ئوقۇمىسىڭىز بولمايدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. ئوقۇشقا قولايسىز جۈملىلەر بولسا ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسىڭىز تامامەن بولىدۇ.

كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك كۆپىنچە ۋاقىتنى ئۆيدە خىزمەت ۋە ئۆگىنىش بىلەن ئۆتكۈزۈپ زېرىكىپ قالغاندا، كۈندە باشقا تىلدا سۆزلەپ ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى سېغىنىپ قالغاندا، ئۇيغۇر تىلىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇش ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قوشماقچى بولسىڭىز، ئەگەر كەلگۈسىدە ئۈسكۈنىلەر ئۇيغۇر تىلىدىكى سىزنىڭ ۋە سىزنىڭكىگە ئوخشايدىغان ئاۋازلارنى تېخىمۇ توغرا تونۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولسۇن دېسىڭىز، كۈندە ئازراق ۋاقىت ئاجرىتىپ بۇ تۈرگە تۆھپە قوشۇڭ. ھەتتا بالىڭىزنىڭ ئۇيغۇرچىنى ئوقۇش تاپشۇرۇقى قىلىپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئانا تىل مەكتەپلىرى ۋە سىنىپلىرىمۇ ئوقۇش تاپشۇرۇقلىرى قىلىپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.

Common Voice توغرىسىدىكى كۆپ سورالغان مەسىلىلەر ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى ئېچىڭ.

https://commonvoice.mozilla.org/ug/faq

ئەگەر سورايدىغان ۋە ياكى ھەل قىلالمىغان مەسىلىلەر بولسا، تۆۋەندىكى ئۇلىنىش ئارقىلىق Common Voice نىڭ ئۇيغۇر تىلى گۇرۇپپىسى بىلەن ئالاقە ئورنىتىڭ.

uyghur.cv@gmail.com
ھۆرمەت بىلەن:

Common Voice ئۇيغۇر تىلى گۇرۇپپىسى