كىتاپقا كۆنگەن بالىمىز بولسۇن

ئابدۇۋەلى ئايۇپ


مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلار بالىلىق ۋاقتىدا كىتاپخۇمارلاردۇر. غالىپلار كىچىكىدىن ئوقۇشقا ئامراقلاردۇر، ئىلغارلارنىڭ پەرزەنتى بىزنىڭكىددىن كۆپنى بىلگەن، ئوقۇغان ۋە ئېرىشكەنلىكى بىلەن پەرقلىنىدۇ. مەن ئۇتۇق قازانغانلارنىڭ كەچمىشىنى ئوقۇشقا ئامراق، شۇنداق كىتاپلارنى ۋاراقلىساق ئۆزىنىڭ كىچىكىدە كىتاپقا ئۆچلۈكىنى يازغان بىرمۇ كىشى يوق.


كىتاپ ئوقۇش ئومۇملاشقان مىللەتلەر بۈگۈنكى دۇنيانى سوراۋاتىدۇ، كىتاپتىن يىراق ياشاۋاتقان مىللەتلەر تەرەققىياتتىنمۇ، بايلىقتىنمۇ، كىشىلىك ھوقۇقلاردىنمۇ يىراق، ئاجىز، نامرات، خار ياشاۋاتىدۇ.
مەنچە بىزنىڭ مۇھاجىرەتتە ئائىلىدە قىلىدىغان ئىشىمىزنىڭ باش بۇرنى ئاللاھنىڭ «ئوقۇ!» دېگەن بۇيرۇقى بويىچە كىتاپ ئوقۇشقا لەغمەنگە كۆنگەندەك كۆنۈش، بالىمىزغا كىتاپنى سۆيدۈرۈش، ئوقۇشقا كۆندۈرۈش بولۇشى كېرەك. بالىلارنى بۇرۇنقىدەك قۇلاق موللىسى، دورامچى يادىكەش قىلىش مەغلۇبىيەتلىك يولنى قايتىلاش دېگەنلىك بولىدۇ.
تۆۋەندىكى بىر يۈرۈش بالىلار كىتابىنى يازغان ئەسما خانىمغا ۋە رەسسام گۈلجەننەت خانىمغا، بۇ تۈرنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن ئۇيغۇر پروجەكت فوندىغا، ئەركىن سىدىق ئاكىمىزغا بارلىق بالىلار نامدىن، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى نامدىن رەھمەت، تازىم.

ئوماق قوزىچاق رەسىملىك ھېكايىلىرى
ئوماق قوزىچاق رەسىملىك ھېكايىلىرى