ئالاھىدە خۇشخەۋەر

ئەۋلاد گۇرۇپپىسىنىڭ بىرقانچە يىللىق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە «ئائىلە مەكتىپى» ناملىق يۈرۈشلۈك دەرسلىكلەر تۈركىيە دىنىي ئىشلار باشقارمىسى تەرىپىدىن ھەقسىز بېسىپ تارقىتىلدى. ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە ھەدىيە قىلىنىدۇ، سېتىلمايدۇ.

بۇ يۈرۈشلۈك دەرسلىك كىتابلار تۈركىيەدىكى نوپۇزلۇق مائارىپ ئورگىنى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئەۋلاد گۇرۇپپىسى تەرجىمە ئاساسىدا ئۇيغۇرچە تۈزۈپ چىقتى. دەرسلىكلەر ئۇيغۇر ياش – ئۆسمۈرلىرىگە ئانا تىلدا دىنىي ساۋات بېرىدۇ، ئوقۇتۇش يېتەكچىسى قوللانما كىتابى ئارقىلىق ئائىلىدە، مەكتەپ – مەدرىسە ۋە ئانا تىل كۇرسلىرىدا ئوقۇتۇشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.

«ئائىلە مەكتىپى» ناملىق 10 قىسىملىق يۈرۈشلۈك دەرسلىك كىتابلار نەشردىن چىقتى

كىتابلارنىڭ سانى چەكلىك بولغاچقا، كىتابلار ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئانا تىل مەكتەپلىرى، مەدرىسە، قۇرئان كۇرسلىرى، مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر مەسجىدلىرى ۋە پائالىيەت مەركەزلىرى ئارقىلىق شەخسلەرگە يەتكۈزۈلىدۇ، ھېچقانداق بىر شەخسكە بىۋاستە تارقىتىلمايدۇ.

تۆۋەندىكى جەدۋەلنى تەپسىلىي تولدۇرغاندىن كېيىن ئىلتىماس قىلالايسىز.

ھۆرمەت بىلەن: ئەۋلاد گۇرۇپپىسى