ئۇيغۇرچە |  English | Uyghurche  | уйғурчә


ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم، تور بېتىمىزگە خۇش كەلدىڭىز! ھازىرقى ئالىملارغا قارىغاندا، كۈندىلىك سۆھبەت ئىنسان تىلىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولۇپ، كۈندىلىك سۆھبەتتىكى گەپنى كۈزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش ھەرقانداق تىلنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر ئاچقۇچتۇر. بۇ توپلامدىكى ئاۋازلىق خاتىرىلەر 21-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلار كۈندىلىك سۆھبەتلەردە ئىشلىتىدىغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ خاتىرىلىنىشىدۇر. بۇ سۆھبەتلەر ئالدىن پىلانلانمىغان بولۇپ، ئىشتىراكچىلار تەرىپىدىن ئۆيلىرىدە ياكى باشقا جايلاردا تەتقىقات مەسئۇلىنىڭ نازارىتى بولمىغان ھالەتتە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ توپلام ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگۈچى ھەم ئۆگەتكۈچىلەر ۋە ياكى ئۇيغۇر تىلى بويىچە تىلشۇناسلىق جەھەتتىكى تەتقىقات قىلىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن بىر مەنبە بولۇش مەقسىتىدە توپلانغان بولۇپ، مەزكۇر توپلامنىڭ مەزمۇنلىرىنى يۇقىرىدا دېيىلگەن مەقسەتلەردە ئەركىن ئىشلىتىشكە بولىدۇ. سۆھبەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى قاتناشقۇچىلارنىڭ يانفونلىرى ئارقىلىق خاتىرىلەنگەن بولۇپ، بەزىلىرى يۇقىرى ئېنىقلىقتا ئۈنگە ئېلىنغان بولسا يەنە بەزىلىرى ئادەتتىكى ئاۋاز پرىسلاش فۇنكسىيەسى بولغان تەڭشەك ھالىتىدە ئۈنگە ئېلىنغان. يەنە بىر سۆھبەت زۇم سۇپىسىدا خاتىرىلەنگەن بولۇپ ھەر بىر سۆھبەتنىڭ ساھىبە مەلۇماتلىرىدا، تۆۋەندىكىدەك تەپسىلاتلار يېزىلغان. ترانسكرىپسىيە قىلىش قائىدىلىرى، ترانسكرىپسىيەلەردە ئىشلىتىلگەن ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ۋە گرامماتىكىلىق تەھلىللەردە ئىشلىتىلگەن قىسقارتمىلارنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى بۇ يەردىن تېپىلىدۇ. ھەر بىر سۆھبەتنىڭ ترانسكرىپسىيىسى ھەم <.xml> ھەم <.eaf> فورمات سۈپىتىدە چۈشۈرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ <.eaf> فورماتتىكى ھۆججەتلەر مۇناسىۋەتلىك ئاۋازلىق ھۆججىتى بىلەن ELAN ناملىق پروگراممىسى ئارقىلىق ئاچقىلى بولىدۇ. بارلىق ئاۋازلىق ھۆججەتلەر ۋە ترانسكرىپسىيىلىرىنى <.zip> ھالىتىدە بىللە چۈشۈرۈۋېلىش ئۈچۈن، بۇ يەرنى چېكىڭ.



بىرىنچى سۆھبەت



زۇم ئارقىلىق، ئۇيغۇر تىلى دەرس ئۆتىدىغان ئىككى خىزمەتداش خىزمەت، ئائىلە ۋە باشقا خىل تېمىلارداپاراڭلىشىدۇ.



ئىككىنچى سۆھبەت



بىر جۈپ ئەر-ئايال تاماق يېگەندىن كېيىن يۇرتىنىڭ خەلق ناخشىلىرى، مەدەنىيەت، ۋە باشقا خىل ئۆتكەن ۋاقىتلاردىكى خاتىرىلىرى ھەققىدە پاراڭلىشدۇ.



ئۈچىنچى سۆھبەت



ئىككى دوست بېغىدا ئايلىنىپ، ساغلاملىق، يېمەك-ئىچمەك ۋە خىزمەت ھەققىدە پاراڭلىشىدۇ.



تۆتىنچى سۆھبەت



مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن، بىر بالا ئانىسى بىلەن ئۆيدە پاراڭلىشىدۇ.



يېقىندا تېخىمۇ كۆپ سۆھبەتلەر قوشۇلىدۇ.
يېڭىلانغان ئۇچۇرلار ئۈچۈن قايتا كۆرۈپ تۇرۇ!