سالام دوستلار،

ياپونىيىدىكى كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى غەيرەت كەنجى ئەپەندىم UyghurEdit يۇمتالىغا بىر يېڭى ئىقتىدار قوشۇپتۇ. بۇ ئىقتىدار بىلەن رەسىمگە تارتىلغان ئۇيغۇرچە خەتنى ئۇيغۇرچە تېكىستكە ئايلاندۇرغىلى بولىدىكەن. مەسىلەن، سىزگە بىرەيلەن كىتابنىڭ بىر بېتىنى رەسىمگە تارتىپ ئەۋەتكەن بولسا، بۇ يۇمتالدىن پايدىلىنىپ ئەشۇ رەسىمنى سىز ئۇيغۇرچە تېكىستكە ئايلاندۇرالايسىز. ئۇ يۇمتالنى ئىشلىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىڭ:

[1] ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى تور بېتىدىڭ «zip» قىلىنغان UyghurEdit++ يۇمتال ھۆججىتىنى ئۆزىڭىزنىڭ كومپيۇتېرىغا چۈشۈرۈڭ (UyghurEditPP.zip نى بېسىڭ)

https://github.com/gheyret/UyghurEditPP/releases

[2] چۈشۈرگەن ھۆججەتنى «unzip» قىلىڭ

[3] ئايرىم-ئايرىم قاچىلانغان ھۆججەتلەر ئىچىدىكى « UyghurEdittPP – Application » نى ئىككى قېتىم چېكىپ، يۇمتالنى ئېچىڭ

[4] يۇمتالنىڭ «Höjjet» دېگەن يېرىنىڭ ئىچىدىكى «Ach» نى تاللاپ، سىز تېكىستكە ئايلاندۇرماقچى بولغان رەسىم ھۆججىتىنى ئېچىڭ

[5] يېڭى ئېچىلغان ئېكراننىڭ «Tonu» دېگەن يېرىنى بېسىڭ. بىرەر مىنۇتتەك ۋاقىتتىن كېيىن تېكىست مەزكۇر يۇمتالنىڭ باش ئېكرانىغا چىقىدۇ. ئۇنى شۇ يەردىن Word قا ئوخشاش ھۆججەتكە كۆچۈرەلەيسىز.

ھازىر (14-ئىيۇل) بۇ يۇمتالغا تۈركچىمۇ قوشۇلدى. تۈركچىنىمۇ ئىشلىتىش ئۈچۈن https://github.com/gheyret/UyghurEditPP/ دىكى « 0.5 neshri (2021/07/15)» نى چۈشۈرۈڭ.

رەسىم ھالەتتىكى ئۇيغۇرچە خەتنى يېزىققا ئايلاندۇرۇش دېتالى
رەسىم ھالەتتىكى ئۇيغۇرچە خەتنى يېزىققا ئايلاندۇرۇش دېتالى

— ئەركىن سىدىق

https://www.facebook.com/photo?fbid=4371412376224693&set=a.454371327928837